ئۇيغۇر دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە گېنىتىكا جەھەتتە مۇنازىرە قىلغىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ياۋروپا ئېرىقىغا كىرىدىغان قىسمەن شەرقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرىق ئېرىقىغا تەۋە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال بارلىق ئالتە شەھەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ئەمەس بولۇپ قىسمەن ئېھتىماللىقلار بىزگە باشقىچە ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن.

يۇقۇرقى تەتقىقات شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ئىنىستىتۇدىكى دولقۇن يۈسۈپ باشچىلىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئۈچ ئوخشىمىغان ئورۇندىن 196 ئەۋرىشكە ئالغان. ئۇلار ئايرىم ئايرىم، كېرىيە، لوپنۇر، دولان. نەتىجىدە كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردىغان ئىش شۇكى لوپنۇرلۇقلاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ 43.75 پىرسەنتى،كېرىيەلىكلەرنىڭ تەخمىنەن 28 پىرسەنتى ج2ئا1 نى ئاساس قىلغان.
ئۇنداقتا بۇ ج2ئا1 زادى كىم؟



كۆرگىنىڭلاردەك بۇ گۇرپا كىشىلەر ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرىق، كاۋكاز،ئىران قاتارلىق جايلاردىن كۆپ تېپىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل ئالاھىدىلىك مەيلى ئاشكىناز ياكى سېفاردىك يەھۇدىيلىرىدا بولسۇن ھەممىسىدە كۆپ تېپىلىدۇ. دېمەك بۇ لوپنۇرلۇق، بۇ كېرىيەلىك، بۇ خوتەنلىك ۋە باشقا ئۇيغۇلاردىن تېپىلغان ج2نىڭ رىۋايەتلەردىكى يوقاپ كەتكەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بولىشى ئېھتىمالى بار ئەمەسمۇ؟ ،
بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىزدەنمەكچى بولساڭلار بۇ توربەتنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.